سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
تایلاندتا بوۋا-موومىسىنى ۋە بىر مەكتەپتىكى ئالتە كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئوقۇغۇچى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلدى.
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
تايلاندنىڭ نونتابۇرى ئۆلكىسىدىكى قوراللىق ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپتە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىخەتەرلىكنى قوغدىماقتا، 7-ئاۋغۇست (2026). سۈرەت: ئا پ.

تايلاندتا بىر ئۆسمۈر بوۋىسىنىڭ تاپانچىسى بىلەن مەكتىپىدە قانلىق ھۇجۇم پەيدا قىلدى. بۇ ۋەقە قوراللىق زوراۋانلىق ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى قايتىدىن قوزغىدى.

تايلاند ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  جۈمە (2026-يىلى 7-ئاۋغۇست) كۈنى بىر ئوقۇغۇچى بوۋا-موومىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، باڭكوك ئەتراپىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالتە كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؛ بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقەدە سەككىز ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ تایلاندتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر مەكتەپ ھۇجۇملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تایلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇمچى ئالدى بىلەن بوۋىسىنىڭ تاپانچىسى بىلەن بوۋا-موومىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئاندىن قوشنا نونتخابۇرى ئۆلكىسىدىكى دېبسىرىن نونتخابۇرى (Debsirin Nonthaburi) مەكتىپىگە بارغان.

ئۇ مەكتەپتە ئۈچ ئوقۇتقۇچى ۋە ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەن، ئۆزىمۇ ۋەقە جەريانىدا ئۆلگەن. ساقچىلار گۇماندارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى تېخى جەزملەشتۈرمىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدە 23 ئادەم يارالانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوق تېگىشتىن ئەمەس، بەلكى قاچقان ۋاقىتتىكى قالايمىقانچىلىقتا يارىلانغان.

باش مىنىستىر ئانۇتىن چارنۋىراكۇل (Anutin Charnvirakul) بۇ ۋەقەنى «ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان دەھشەتلىك بىر ۋەقە» دەپ تەسۋىرلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Deadly Philippines school shooting was 'planned': police

گۇۋاھچىلارنىڭ ۋەھىمىلىك ئەسلىمىلىرى

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوق ئاۋازى ئاڭلانغاندا يۈز بەرگەن ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۆزلەپ بەردى.

بىر ئوقۇغۇچى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا (AFP): «ئۆلۈپ كېتىشىمدىن بەك قورقتۇم» دېدى ۋە ئۆزى بىنادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغاندا، ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئارقا-ئارقىدىن ئوق ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر ئوقۇغۇچى گۇماندارنى «روھىي ھالىتى تۇراقسىز بالا» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە ئۇنىڭ قورالغا قىزىقىدىغانلىقىنى، ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقىنى (bullying) ئاشكارىلىدى.

مائارىپ مىنىستىرى پراسېرت جانتارارۇاڭتوڭ (Prasert Jantararuangtong) ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن روھىي ساغلاملىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا مەكتەپلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Canada lowers flags nationwide after deadly school massacre as police confirm teen gunman

قوراللىق زوراۋانلىقلارغا قايتىدىن دىققەت قىلىش

ساقچىلار ئۆسمۈرنىڭ ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن تاپانچىغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

تایلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا پۇقرالارنىڭ قورالغا ئىگە بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بازاردا تەخمىنەن 10 مىليون دانە قورال بار دەپ مۆلچەرلىنىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ قورال كونتروللۇقىنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى قايتا-قايتا ۋەدىلىرىگە قارىماي، بۇ قېتىملىق قوراللىق ۋەقە تايلاندتا يۈز بەرگەن قانلىق قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2022-يىلى بىر بالىلار باغچىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ۋەقەدە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ 36 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارتايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى - TRT ئۇيغۇرچە - TRT ئۇيغۇرچە
ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا