تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
قازاقىستان بىلەن رۇسىيە، رۇسىيە نېفىتىنى قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى «كوندېنسات» نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پىششىقلاپ ئىشلەش شەرتلىرى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ

قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى يېرلان ئاككېنجېنوۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلدى. مىنىستىر ئاككېنجېنوۋ رۇسىيە نېفىتىنى «كوندېنسات» (Kondensat) نېفىت ئەسلىھەسىدە پىششىقلاپ ئىشلەش مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاككېنجېنوۋ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىتتىن ئېرىشىلىدىغان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەخمىنەن % 30 ىنىڭ قازاقىستان ئىچكى بازىرىدا ئېلىپ قېلىنىدىغانلىقىنى، قالغان قىسمىنىڭ بولسا رۇسىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە نېفىتىنىڭ زاۋۇتقا تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئاككېنجېنوۋ، مەزكۇر ئەسلىھەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن قازاقىستان ياكى رۇسىيەنىڭ نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىگە تۇتاشمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئاككېنجېنوۋ سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ئەسلىھە بىر خىل تۇيۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تېخىمۇ يېقىن. ھەممە ئىش تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيە نېفىتىنى قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى مەزكۇر زاۋۇتقا توشۇش خىزمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئەسلىھەدە قايتا قۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ