مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادا تۈرك سىمىتىگە بولغان قىزىقىش پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيمەكتە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانادولۇدىكىلەر» تۈرىنىڭ نيۇيوركتىكى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى سىمىت (گىردە)نىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىگە ئىلھام بولدى.
ئامېرىكادا تۈرك سىمىتىگە بولغان قىزىقىش پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيمەكتە
Simit / User Upload

ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ھەپتىلىكىدە تايمىس مەيدانىدا ۋە تۈركىيە ئۆيى ئالدىدا ئامېرىكالىقلارغا سۇنۇلغان سىمىت ۋە چاي زور قىزىقىش قوزغاپ، ئانادولۇنىڭ ئورتاقلىشىش مەدەنىيىتى ۋە سەمىمىيىتى مىڭلىغان كىشىگە يەتكۈزۈلگەنىدى. شۇ كۈنى نيۇيورك كوچىلىرىدا باشلانغان بۇ تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى نۆۋەتتە 50 ئىشتاتقا تارقالغان 608 تارماق دۇكىنى بار غايەت زور بىر زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ مال تىزىش تەكچىلىرىگە قەدەر يېتىپ كەلدى.

تۈرك تائاملىرى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان سىمىت، بۇ زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ تارماق دۇكانلىرىدا، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر بۆلۈمىدىكى مەھسۇلاتلار ئارىسىدا ئوخشاش نام (سىمىت دېگەن نام) بىلەن سېتىلماقتا.

تاللا بازىرىنىڭ تۈرك سىمىتى ئۈچۈن تەييارلىغان تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىدا: «ئەگەر تۈركىيەنىڭ لەززەتلىك تائاملىرىنى ئۆيىڭىزدە تېتىپ بېقىشنى ئويلىسىڭىز، سىزنى تۈرك كۈنجۈتلۈك نېنى سىمىت بىلەن تونۇشتۇرايلى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

مەھسۇلاتنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارمۇ ئورۇن ئالغان تونۇشتۇرۇشتا: «بىزنىڭ سىمىتلىرىمىز ئەنقەرە ئۇسلۇبىدا، كىچىك، قوللىنىشقا ئەپلىك ۋە چۈرۈك قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلدى» دېيىلگەن.

سىمىتنىڭ بىر تۈرك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە كۈچلۈك بىر يېمەكلىك زەنجىرى ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى تۈرك تائامشۇناسلىق ساھەسى ئۈچۈن مۇھىم بىر تەرەققىيات دەپ قارالماقتا.

ئىلگىرى تۈرك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرى تەرىپىدىن تار كۆلەمدە ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن سىمىتنىڭ بۇ تەرەققىيات بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تايمىس مەيدانىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 80-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەپتىلىكى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، مەيداندىكى ئامېرىكالىقلار سىمىت ۋە چاي تارقىتىشنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالغان ھەمدە تۈرك تائاملىرىنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە ئانادولۇنىڭ ئورتاقلىشىش مەدەنىيىتى ۋە سەمىمىيىتىنىمۇ ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى.

تايمىس مەيدانىدىكى بۇ پائالىيەت كەڭ ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، سىمىتنى تۇنجى قېتىم تېتىپ باققان ئامېرىكالىقلار ئۇنى «ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقى»نى ئېيتقانىدى.

ئەمىنە ئەردوغان يەنە تۈركىيە ئۆيىنىڭ يېنىدا قۇرۇلغان سىمىت سېتىش نۇقتىسىنى زىيارەت قىلىپ، سىمىتنىڭ ئامېرىكادا كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان bagel» غا رەقىب بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ