ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېھراندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زەينىۋەند، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇساپىنىڭ مۇرەسسەچىسى بولغان پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن نەكۋىنىڭ تېھران زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
زەينىۋەند پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ۋە دىپلوماتىك تەشەببۇسلىرىنىڭ «زور غەيرەت بىلەن» داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىسلامئاباد كېلىشىم لايىھەسىگە قايتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تەرەپلەرنى قايتىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
17-ئىيۇن كۈنى پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجرا قىلىنمىدى.
قارشى تەرەپ ئۆز ئىمزاسىنىڭ ئېتىبارىغا ھۆرمەت قىلىپ، كېلىشىم ماددىلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسلامئاباد كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىغا سادىق قېلىشى لازىم. مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قارارى بولۇپ، رەھبەرلىك تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بىزنىڭ تەلىپىمىز قارشى تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمگە قايتىشىدۇر.»
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇساپىنىڭ مۇرەسسەچىسى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن نەكۋىنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە تېھراننى قايتىدىن زىيارەت قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



















