ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ روسىيە بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىمگە ئېرىشىش پۇرسەتلىرىنى كۆپ قېتىم قولدىن بيرىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىناغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى.
ترامپ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كېلىشىم تۈزەلەيدىغان يېڭى بىر رەھبەر تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى زېلېنسكىي نۇرغۇن قېتىم كېلىشىم تۈزەلەيتى، لېكىن نېمىشقىدۇر بۇنى ھەرگىز قىلمايۋاتىدۇ» دېدى.
ترامپ «مېنىڭچە ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر پرېزىدېنتى تاللايدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ: «ئەگەر مەن پرېزىدېنت بولغان بولسام بۇ ئۇرۇش ھەرگىز چىقمايتتى. ھەرگىز باشلانمايتتى» دېدى.
زېلېنسكىينىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلانماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ترامپ: «زېلېنسكىي بۇ ئۇرۇشنى كۆپ قېتىم، نۇرغۇن قېتىم ئاخىرلاشتۇرالايتتى، لېكىن بۇنى قىلماسلىقنى تاللىماقتا» دېدى.

ترامپ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى «ئىنتايىن قىيىن» دەپ ئاتىدى. ترامپ روسىيە نېفىت زاۋۇتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى. ترامپ ئۇكرائىنانىڭ روسىيە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگەقىلغان ھۇجۇملىرىنىمۇ ئەيىبلەپ، نېفىت زاۋۇتلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىنىڭ يەرشارىۋى يېقىلغۇ كەمچىللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكالىق دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارغا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: «ئۇلارغا نېمە خالىسڭىز شۇنى قىلىڭلار، ئەمما دىزېل يېقىلغۇسىنى نىشانغا ئالماڭلار دېدۇق. چۈنكى چوڭ بىر مەسىلە، جىددىي بىر كەمچىللىك بار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
روسىيە نېفىت زاۋۇتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ سايلامدىن بۇرۇن دىزېل باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، زېلېنسكىيگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ترامپ: «ئەمدى بۇنى قەتئىي ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دېدى. ترامپنىڭ باياناتلىرى، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن موسكۋانىڭ ئامېرىكىغا ۋە يەرشارىۋى بازارغا دىزېل تەمىنلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى. يېقىلغۇ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمدىن كېيىن ئامېرىكا، روسىيە يېقىلغۇسىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ۋاقىتلىق يېنىكلەتتى.
زېلېنسكىي بولسا كېلىشىمنى «ئاجىز بىر قارار» ۋە «ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىر ئۇرۇشقا ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەك ئىدى» دېيىش ئارقىلىق ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.




















