خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئۇدا ئىككى قېتىم 5.7 ۋە 5.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى (CENC) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، مەركىزىي نۇقتىسى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 244 كىلومېتىر كېلىدىغان، نوپۇسى ئاز ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان بىر رايوندا ئۇدا ئىككى قېتىم 5.7 ۋە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن.
تەۋسىيە
10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرىنچىسى شۇ جاي ۋاقتى 11:16 دە، ئىككىنچىسى بولسا 11:34 دە يۈز بەرگەن.
يەر تەۋرەشلەردە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى زىيان-زەخمەت بار-يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.





















