تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولى (ھورمۇز بوغۇزى)دىن ئۆتەلمىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ باشقا ئەشيا ئوبوروتى يوللىرى ئارقىلىق يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
تۈركىيە ئۇرۇش سەۋەبىدىن توشۇش توختاپ قالغانلىقتىن، رايونلۇق مال چىقىرىش يولىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارقىلىق ئۆزگەرتتى. / AA
3 سائەت بۇرۇن

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات تۈركىيەنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىكلەر جەريانىدا رايون دۆلەتلىرىگە مال ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىسىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا سۆز قىلغان مىنىستىر بولات ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدىن ئۆتەلمىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ باشقا ئەشيا ئوبوروتى يوللىرى ئارقىلىق يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئارقىلىق ترانسىت سودىسىنىڭ باشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇنىڭ بىلەن ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتەلمىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمىنى تۇرۇبا يوللىرى، يەنە بىر قىسمىنى قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى ئارقىلىق رايون دۆلەتلىرىگە داۋاملىق توشۇيمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بولات كېلىشىم دائىرىسىدە ئەمدى ترانسىت ۋىزىلىرىنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ پارس قولتۇقىدىكى سودا ئايلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

باشقا تاللاش يوللىرى

فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشقا ئىشارەت قىلغان بولات: «ئېنېرگىيە ھاۋزىلىرى قاتناشقا تاقالدى. ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى توشۇغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. نېفىت-خىمىيە مەھسۇلاتلىرى، خىمىيەۋى ماددىلار ۋە ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى» دېدى.

مىنىستىر ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدە ئىنتايىن زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان مىنىستىر، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە 112 مىليارد دوللار قىممىتىدە بىر ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېزا ئىگىلىكى مەسىلىسىدە بولات تۈركىيەنىڭ يېتەرلىك زاپاس مالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت يارىتىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىر يەنە: «يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش مەسىلىسى كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئوغۇت زاپىسىنى يېتەرلىك تەييارلىغان ئىدۇق. ئېكسپورتنى تىزىمغا ئالدۇق، ئىمپورتتا تاموژنا بېجىنى نۆلگە چۈشۈردۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى
بېنگالدىكى بىر چاقماق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە بەش كىشى قازا قىلدى
ئارتېمىس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلىرىنى تارتتى
ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئىران ئۇرۇشى ۋە قارا دېڭىز مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ «F-15E»  ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
ئافغانىستاندكى يەر تەۋرەش پاكىستاندىمۇ ھېس قىلىندى
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراندا قالغان نېمە بولسا تېخى يوقىتىشقا باشلىغىنى يوق»
ب د ت: ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە ۋە ئوغۇت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرمەكتە
ئىران ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
پېنتاگون ھەربىي سەپ رەھبەرلىك قاتلىمىنى قايتىدىن تەشكىللىمەكتە
ترامپ ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ كۆپ نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى: ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ
خىتاي: ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىق ئىرانغا قىلىنغان «قانۇنسىز» ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسى
تۈركىيە دۇنيانى دىپلوماتىيەگە چاقىردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «دۇنياغا ئوچۇق، دۈشمەنلەرگە تاقاق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى