ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك زور قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە باشلاندى. بېلەتلەر ئەۋەتىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سوت مەھكىمىلىرىدىن بېلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا قارىتا يېڭى چەكلىمىلەرنى قويۇشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.
جۈمە كۈنى شىمالىي كارولىنا پوچتا ئارقىلىق بېلەت ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى ئىشتات بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن 3-نويابىر ئاخىرلىشىدىغان ۋە ترامپنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا كونگرە كونتروللۇقىنىڭ كىمنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان سايلام پەسلى رەسمىي باشلاندى.
ئەمما، سايلىغۇچىلار ۋە سايلام ئەمەلدارلىرى مىليونلىغان پوچتا ئارقىلىق ئارقىلىق كەلگەن بېلەتلەرنىڭ قايسى قائىدەلەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدۇ. چۈنكى ترامپ فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان چەكلىمىلەرنى قايتىدىن يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئىشتاتلار بولسا بېلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.
بۇ تالاش-تارتىشقا بىر «ئىچكى ئەھۋالنى ئاشكارىلىغۇچى» نىڭ (whistleblower) ئېيتقانلىرىمۇ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پوچتا ئىدارىسىنىڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئالدىراپ-تېنەپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، يېتەرلىك سىناق قىلىنمىغان. بۇ سەۋەبتىن بىرلا تاياقچە كود (barcode) مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىر تۈركۈم بېلەتلەر كېچىكىپ قېلىشى ياكى ئىناۋەتسىز قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ترامپنىڭ پىلانىنى ۋاقىتلىق توسۇپ قويۇش قارارىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى ئويلىشىۋاتقان بىر فېدېراتسىيە سوتچىسى، ئالدىراپ-تېنەپ قىلىنغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ زور قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سوتچى ئىندىرا تالۋانى (Indira Talwani) چەكلىمىلەرنى ئاقلاۋاتقان ئادۋوكاتقا: «بىز تېپىشماق ئوينىمايۋاتىمىز، بىز خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز» دېگەن.
ترامپنىڭ مارتتىكى مەمۇرىي بۇيرۇقى ئىشتاتلاردىن يېڭى بىر فېدېراتسىيە تور بېكىتى(portal) ئارقىلىق ئامېرىكا پوچتا ئىدارىسىنى لاياقەتلىك سايلىغۇچىلار تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - America's midterm fight intensifies as Democrats, Republicans lock in November contenders
قائىدەلەر مۇجىمەل ھالەتتە
بېلەت كونۋېرتلىرىغىمۇ شەخسىي تاياقچە كودلار ۋە باشقا لايىھە ئەۋزەللىكلىرى كېرەك بولىدۇ؛ پوچتا ئىدارىسى بولسا، تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان كونۋېرتلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ قائىدەلەرنى «سايلامنىڭ ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلاشتا كۆرۈنەرلىك ئالدامچىلىق بولغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمىدى.
ترامپ پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاشنى «چىرىكلىك» دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، ئەمما ئۆزىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللاندى؛ مەسىلەن، ئۆتكەن ئايدا فىلورىدادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلىدى.
بۇ مۇجىمەللىكلەر ئىشتاتلار ئارا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان سايلام تۈزۈمىگە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. بەزى ئىشتاتلار بېلەتلەرنى تىزىملاتقان سايلىغۇچىلارغا ئۆزلۈكىدىن ئەۋەتىدۇ، بەزىلىرى سايلىغۇچىنىڭ تەلەپ قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. كىملىك تەلىپى، تاپشۇرۇش سۈرۈكى ۋە كېچىكىپ كەلگەن بېلەتلەرنى ھېسابلاش قائىدەلىرىمۇ پۈتكۈل مەملىكەتتە ئوخشاش ئەمەس.
سايلام ئەمەلدارلىرى ئاۋاز تاشلاش باشلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، فېدېراتسىيەنىڭ تەلىپىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
دېموكراتىيە سۇپىسى «Democracy Docket» نىڭ قۇرغۇچىسى مارك ئېلىئاس (Marc Elias) ئۆزىنىڭ يۇتۇب پىروگراممىسىدا: «سايلامنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلىنى پىرېزىدېنت ئەمەس، ئىشتاتلار بەلگىلەيدۇ» دېدى.
ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كونگرە ئىشتاتلارنىڭ قارارىنى بىكار قىلالايدۇ، ئەمما پىرېزىدېنت ھېچقاچان ئۇنداق قىلالمايدۇ. پىرېزىدېنتقا فېدېراتسىيە سايلىمى توغرىسىدا ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمىگەن.
شىمالىي كارولىنا ئەمەلدارلىرى جۈمە (2026-يىلى 4-سېنتەبىر) كۈنىدىكى پوچتا ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىشتاتنىڭ تالاش-تارتىش مەركىزىدىكى فېدېراتسىيە تور بېكىتىنى ئىشلىتىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئەمما، پۈتكۈل مەملىكەتتە سىستېما ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ۋاقىت تېز سۈرئەتتە ئاخىرلىشىشقا باشلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Democrats are favoured in 2026 midterms, but is a blue wave guaranteed? Not quite.





















