سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى «ئەرزىمەس كىچىك ئىش» دەپ ئاتىدى
ۋەنس «ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى «ئەرزىمەس كىچىك ئىش» دەپ كىچىكلەتتى.
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى «ئەرزىمەس كىچىك ئىش» دەپ ئاتىدى
ترامپ مارىلاند ئىشىتاتىدىكى ئەندرۇس بىرلەشمە بازىسىدا «1-نومۇرلۇق ئايروپىلان» غا چىقىۋېتىپ، مۇشتۇمىنى تۈگۈپ قولىنى پۇلاڭلاتتى، 4-سېنتەبىر (2026). / AFP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئاۋغۇستتىكى مۇھىم ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ھارپىسىدا ۋەزىيەتنى يېنىكلىتىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇشنى ئامېرىكا ئۈچۈن«ئەرزىمەس ئىش» (small potatoes) دەپ ئاتىدى.

ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج د ۋەنسنىڭ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئۇرۇش كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، «مەن بۇنى ئۇرۇش دەپ ئاتىماس ئىدىم» دەپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېيتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى (2026-يىلى 4-سېنتەبىر) پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىدا (Oval Office) چارۋىچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇخبىرلارنىڭ ۋەنسنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئۇرۇش دەپ ئاتىمايدۇ، مەن بۇنى ھەربىي توقۇنۇش دەيمەن، چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن ئەرزىمەس  كىچىك ئىش» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە: «بۇ چوڭ ئىش ئەمەس، بىز ۋېنېزۇئېلانى بىر تەرەپ قىلدۇق، بۇنىمۇ بىر تەرەپ قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئىراننىڭ ئۇزۇن يىللىق ئالىي رەھبىرى ئەلى خامىنېيى ۋە نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، شۇنداقلا يۈزلىگەن پۇقرالار جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئىران بولسا، دۇنيا نېفىت توشۇش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاش ئارقىلىق تېزلا قايتۇرما زەربە بەردى، ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، نېفىتكە باي بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوڭايلىقچە قولغا كەلمىگەن مۇقىملىق ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى.

ترامپ: «بىز ۋېنېزۇئېلانى قولغا ئالدۇق»

ئالتە ئاي داۋاملاشقان، 18 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە ئاياللار، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان ئىرانلىقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ ئۇرۇش، نۆۋەتتە بىر خىل ھالەتكە كىردى.

تېھران بۇ ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدىكى پاراخوت قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نويابىردىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كونگرەدىكى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بۇ توقۇنۇشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ترامپ ئامېرىكانىڭ «ھازىر ئۇرۇش قىلمايۋاتقانلىقى» نى، بەلكى «ئارىلاپ زەربە بېرىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ ئەمەلىيەتتە ھورمۇز بوغۇزىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىران ئارمىيەسىنى تىرىپىرەن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «قىلغان ئىشلىرىمىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىز ۋېنېزۇئېلانى قولغا ئالدۇق، ئەمەلىيەتتە ئىراننىمۇ قولغا ئالدۇق» دېدى.

ئۇ 18 ئەسكەر ئۆلگەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇرۇشنى «ئەرزىمەس ئىش» دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالدىن غەزەپلىنىپ، ئىران ئۇرۇشىنى ئامېرىكىنىڭ ۋىېيتنام ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشلىرىغا سېلىشتۇردى ۋە: «سىزنىڭ بۇنى قانداق ئاتىشىڭىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى بىزنىڭ غايەت زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىمىز. بىز ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى توسۇپ قالدۇق» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى