سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىرلار كېڭىشى پايتەخت رىيادتا ۋەلىئەھد شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئۆتكۈزگەن. يىغىندا تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك ۋە ئالاھىدە پاسپورت ئىگىلىرىنى ئۆزئارا ۋىزىدىن كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى تەستىقلانغان.
ئىككى دۆلەت بۇ كېلىشىمنى 2026-يىلى 6-ماي ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە—سەئۇدى ئەرەبىستان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئىمزالىغانىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، كېلىشىمنى تەستىقلايدىغان جۇمھۇر رەئىس قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغانىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسەن، مەزكۇر پاسپورت ئىگىلىرى ھەر 180 كۈن ئىچىدە 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان مۇددەتتە قارشى تەرەپ دۆلىتىگە كىرىش، ئۇنىڭدىن ترانزىت ئۆتۈش، چىقىپ كېتىش ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.



















