خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: «روسىيە ئېنېرگىيە ساھەمىزگە قاراتقان ئەڭ كەسكىن ھۇجۇملارنىڭ بىرىنى قىلدى»
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي روسىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملاردىن بىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا: «روسىيە ئېنېرگىيە ساھەمىزگە قاراتقان ئەڭ كەسكىن ھۇجۇملارنىڭ بىرىنى قىلدى»
ئۇكرائىنا: «روسىيە ئېنېرگىيە ساھەمىزگە قاراتقان ئەڭ كەسكىن ھۇجۇملارنىڭ بىرىنى قىلدى»

زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدىن تارقاتقان ئۇچۇرىدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇكرائىنا مىقياسىدا 15 تىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان زېلېنسكىي، يېقىنقى كۈنلەردە «ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئەڭ كەسكىن ھۇجۇملارنىڭ» قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي دۆلەتتىكى توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرىنىڭ ئارام ئالماستىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئېنېرگىيە ساھەسىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، تۈنۈگۈن ئاخشامدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ 320 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زېلېنسكىي روسىيەنىڭ قىش كېلىشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنادا خەلقنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «روسىيە مىليونلىغان ئىنسانىمىزنى توكسىز ۋە ئىسسىنىشسىز قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

روسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئازىيىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:

«ئامېرىكىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. رۇسلار ئېنېرگىيە ساھەمىزگە مۇشۇنداق كەسكىن ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ئەپسۇسكى، روسىيەنى بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن لىندسېي گراھام  قانۇنىغا پۈتۈنلەي كۆز يۇمۇشنى تاللىدى.»

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا تۈنۈگۈن كېچە ۋە سەھەردە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 45 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
ھۇسىيلارنىڭ ئەدەندىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 كىشى قازا قىلدى
زېلېنىسكىي ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېلگىيەدىن قوشۇمچە F-16 ياردىمى تەلەپ قىلدى
ئىراق تۈركمەن فىرونتىدىن تۇنجى قېتىم بىر ۋەكىل دۆلەت مىنىستىرى بولدى
خاقان فىدان پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى
مىنىستىر خاقان فىدان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
رۇسىيە: ئامېرىكاغا دىزېل يېقىلغۇسى توشۇش 2–3 ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشى مۇمكىن
SANA: رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى مىھراج ئۇرال سۈرىيەدە تۇتۇلدى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا