فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، دۆلىتىدە ھەپتىلەردىن بۇيان تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.
ماكرون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى.
ماكرون تۈرك تىلىدا ۋە تۈركىيە دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن ھالدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رەھمەت تۈركىيە» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.
يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلى ئۆز باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭمۇ ياردەم تەلىپىگە بىنائەن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى تىراگېدىيەلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان فىرانسىيەدە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 116 مىڭ گېكتار يەر كۈلگە ئايلاندى.
دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى گىروندې ۋىلايىتىدە تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە 42 مىڭدىن ئارتۇق گېكتار يەر ئوت ئىچىدە قالدى. گىروندې، ۋار، لاندېس ۋە خاۋتې-كورسې ۋىلايەتلىرىدىكى ئوت ئاپەتلىرى تېخىچە كونترول ئاستىغا ئېلىنالمىدى.



















