ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بارجۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «قوللىرى كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 75 مىڭ بىگۇناھ غەززەلىك پۇقرانىڭ قېنى بىلەن بويالغان قاتىللار گۇرۇھىنىڭ دۆلىتىمىزگە قاراتقان بوھتانلىرىغا قىلچە پىسەنت قىلمايمىز» دېدى.
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى.

نۇتىقىدا «بىز تارىخى بىلەن بۈيۈك، ۋىجدانى بىلەن بۈيۈك بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىمىز. ئەسىرلەر بويى يىقىلغاننىڭ قولىدىن تۇتتۇق، بېشىغا كۈن چۈشكەننىڭ ھالىغا يەتتۇق. دۆلىتىمىزدىن پاناھلىق تىلىگەنلەرگە ئىشىكىمىزنى ئاچتۇق» دېگەن ئەردوغان، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

 ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«قوللىرى كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 73 مىڭ بىگۇناھ غەززەلىك پۇقرانىڭ قېنى بىلەن بويالغان قاتىللار گۇرۇھىنىڭ دۆلىتىمىزگە قاراتقان بوھتانلىرىغا قىلچە پىسەنت قىلمايمىز. بىزنىڭ تارىخىمىزدا نە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، نە قەتلىئام، نە زۇلۇم، نە مۇستەملىكىچىلىك بار. بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار. دىنىغا، كېلىپ چىقىشىغا، كىملىكىگە قارىماي بارلىق مەزلۇملارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش بار. تەكشۈرۈش سوتلىرىدىن ۋە ناتسىستلارنىڭ زۇلۇمىدىن قاچقانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش پەزىلىتى بار. <تەختىمنى بېرىمەن، تاجىمنى بېرىمەن، ئەمما دۆلىتىمگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلەرنى بەرمەيمەن> دېگەن قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بار. ئەگەر ئۆز تارىخلىرىغا قارىسا، غەززەدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە بوھتان چاپلىغانلارمۇ بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سۇپىسى بولىدۇ
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى كوزىر قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
شىددەتلىك يەر تەۋرەش ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى زىلزىلىگە سالدى
تۈركىيەدە دۆلەت ئىچىدە ياسالغان يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسى ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلىندى
ۋېنېزۇئېلادىكى قوش يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئاشتى
ھورمۇز بوغۇزىدىن 100 دىن ئارتۇق پاراخوت ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ پاراخوتلىرىمۇ بار
تىك-توك ۋە يۇتيۇب ھىندونېزىيەدە بالىلارغا تەۋە 4.7 مىليون ھېساباتنى تاقىدى
تۈركىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 9-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا-ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
كانادادا ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدۇ
قازاقىستان قاراچاگاناك كېنىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتتى
تىنچلىق كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە: جەنۇبتىكى بەزى بىرىگادىلىرىمىزنى چېكىندۈردۇق
جەنۇبىي كورېيە 500 مىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى جەڭچىسى يېتىشتۈرىدۇ
رۇسىيە: بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى