خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ۋە بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ۋە روسىيە بايرىقى قادالغان «ئىيانىنايا» (Yaninaya) ناملىق كونتېينېر پاراخوتىغا قارىتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ۋە بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ۋە بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، روسىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار ھەم پاراخوتلارغا قارىتا ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قارا دېڭىز ۋە ئازوۋ دېڭىزىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن زېلېنسكىي: «ئېمبارگو ئاستىدا بولغان ۋە 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يۈك سىغىمىغا ئىگە روسىيەنىڭ كونتېينېر پاراخوتى 'ئىيانىنايا' مۇ زەربىگە ئۇچرىدى. مۇداپىئە قىسىملىرىمىزنىڭ دەل تەككۈزۈش جەڭگىۋارلىقى نەتىجىسىدە پاراخوت چۆكۈپ كەتتى» دېدى.

زېلېنسكىي يەنە روسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭمۇ ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «بۇ ئورۇنلارنىڭ (ئۇكرائىنا چېگراسىدىن) ئارىلىقى تەخمىنەن 1600 كىلومېتىر كېلىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا زېلېنسكىي ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان بۇ ھۇجۇملارغا ئائىت بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنىمۇ بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن قارسقا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ترامپ: ئەنگلىيە شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاچىدۇ
گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى 3 كە يەتتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
تۈركىيە خىتاينىڭ پارچە سېتىش تورى تېمۇ (Temu) غا جازا بەردى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا ئېلىپ بارغان يېڭى ھۇجۇم دولقۇنىنى تاماملىدى
رۇسىيە تېلېگرام (Telegram) نىڭ قۇرۇغۇچىسى دۇروۋغا قارىتا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
ئىراق باش مىنىستىرى ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن جىددىي بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىقى
قىبرىستا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يېتەكچىلىكىدە ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت باشلاندى
ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان روبوتلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى دەپ جاكارلىدى
يېڭى رېكورت: ئايروپىلان 24 سائەت ھاۋا بوشلۇقىدا تۇردى