رۇسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان روستوۋ ۋە كراسنودار رايونلىرىدىكى دائىرىلەرنىڭ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى كېچىدە رۇسىيەنىڭ تاگانروگ پورتىدىكى بىر ماي توشۇش پاراخوتىغا ۋە ئارماۋىر شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلغان.
روستوۋ رايونىنىڭ ۋالىيسى يۇرىي سلىيۇسار ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەخمىنەن 240 مىڭ نوپۇسى بار تاگانروگ شەھىرىدىكى پورتتا ۋە ماي توشۇش پاراخوتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپەتلىرىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى، نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھۇجۇمدا ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
شەھەر باشلىقى سۋېتلانا كامبۇلوۋا 27-مايدا ئېلان قىلىنغان يەرلىك جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قوشنا كراسنودار رايونىدا بولسا، 185 مىڭ نوپۇسى بار ئارماۋىردا دائىرىلەر شەھەرنىڭ سانائەت رايونىدىكى بىر يېقىلغۇ ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق تالاپەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
روستوۋ ۋالىيسى سلىيۇسار رايوندا 50 گە يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇملارنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتكە يېيىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. مەزكۇر رايون رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزى بولغان دونباس بىلەن قوشنىدۇر.
تاگانروگدىن باشقا جايلاردا بولسا پەقەت يېنىك دەرىجىدە زىيان كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قۇماندانى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قىرىمدا بىر مەخپىي فىلوتنىڭ ماي توشۇش پاراخوتىنى ۋە بىر نېفىت تېرمىنالىنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى يەتكۈزدى.
روبېرت بروۋدى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيە ئىچىدىكى 23 ھەربىي نىشاننىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى دانە تۇپولېۋ-142 (Tupolev-142) تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك دېڭىز رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە بىر دانە «ئىسكەندەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.



















