تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدىتۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ناخچىۋان كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 17 - يىللىقى ۋە تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ھۆججىتى بولغان ناخچىۋان كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 17 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 3-ئۆكتەبىر «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن تەبرىكلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق تارىخ، تىل ۋە قېرىنداشلىق رىشتىدىن ئالغان كۈچى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈرگەن ۋە مۇستەھكەملىگەن مۇھىم بىر سۇپىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە تۈركىيەنىڭ 29-30-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «ئېلىمىزنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى بۇ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ» دېيىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىنسانىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك يوشۇرۇن كۈچىنى ئورتاق پاراۋانلىققا ئايلاندۇرۇش ۋە «تۈرك ئەسىرى» نى ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بەرپا قىلىش نىشانى بىلەن خىزمەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
بوتسۋانا مۇستەقىللىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدە مىنىبۇسقا قىلىنغان  قوراللىق ھۇجۇمدا 7 كىشى قازا قىلدى
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى