سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەلئىيس بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەلھەدەبە رايونىدا، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي گازارمىسىدا قاتتىق پارتلاشلار يۈز بەردى.
سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا پارتلاشتا تۆت كىشى يارىلانغان.
خەۋەردە، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ پارتلاشلارنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەلەب جىددىي ھالەت ۋە ئاپەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەشغۇلات مۇدىرى فەيسەل مۇھەممەد ئەلى، پارتلاشلارنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبلىك دەسلەپتە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرىنىڭ رايونغا يېتىپ بېرىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رايونغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان پۇقرالار مۇداپىئە ئەترەتلىرى دەسلەپكى مەلۇماتقا ئاساسەن، تۆت يارىدارنى تارقاقلاشتۇرۇپ چىققان.
پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلەر بوشىتىلغان، رايونغا تۇتىشىدىغان يوللار قاتناشقا تاقالغان.



















