خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئاندى بېرنھام دۆلىتىنىڭ غەززەدىكى ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرۇشتا كېچىكىپ قالغانلىقىنى ۋە يېتەرلىك ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
ئاندى بۇرنھام، بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ 59-باش ۋەزىرى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئاندى بېرنھام ئامېرىكا مەركەزلىك X شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، دۇنيانىڭ بارغانسېرى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغانلىقىغا 10 يىل بولغان بۇ جەرياندا، دۆلىتىنىڭ باشلامچىلىق قىلىش ۋە ئۆز قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويمايمەن. بۈگۈنكى كۈندە بىرىتانىيەنىڭ مەلۇم قىممەت قاراشلاردا چىڭ تۇرۇشى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم» دېدى.

بېرنھام ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەتتى. ئۇ: «ئەگەر بۇ سۆزلەرنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللىمىساق، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمايدۇ. بىز ئۇزۇن مەزگىل ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئىككىلەندۇق ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىشتىن قورقتۇق» دېدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا سېلىنغان قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن بولغان سودىنى چەكلەش قارارىنىڭ ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ تەدبىرلەر ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەمەس، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سىياسەتلىرىنى نىشان قىلىدۇ» دېدى.

بېرنھام پەلەستىن خەلقى تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى «دۇنيا ۋىجدانىدىكى جاراھەت» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ غەززەدە بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھېلىھەم ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا قارىماي، رايونغا ناھايىتى ئاز مىقداردا ياردەم كىرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززەدە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە مىليونلىغان كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بېرنھام مۇنداق دېدى:

«ئەنگلىيە خەلقىنىڭ بۇلارنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن؛ مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلىمەن. باش ۋەزىر بولۇشتىن ئىلگىرىلا، ئەنگلىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ بەك ئاستا ۋە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقانىدىم. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي بەل باغلىدىم. بۇ دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت داۋام قىلىۋاتقان، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىد بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، قاراپ تۇرالمايمەن.»

بېرنھامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە يېقىنقى تۆت يىلدا تەستىقلىغان قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى 20 يىلدا تەستىقلانغانلىرىدىنمۇ كۆپ بولغان. پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان ئىسرائىلىيەلىك ئولتۇراقلاشقۇچىلار بۇ يىل 1500 قېتىم زوراۋانلىق ۋەقەسى سادىر قىلغان.

ئۇ ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 2022-يىلى دېكابىردا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان 104 يېڭى ئولتۇراق رايونىنى تەستىقلىدى. ئۇ يەنە ئۆكتەبىردىكى سايلامدىن ئىلگىرى E1 ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ خېرىدار چاقىرىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا يول قويۇۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش غەربىي قىرغاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدىغان بىر لىنىيە پەيدا قىلىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.»

بېرنھام تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارغا سېلىنغان قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودىنى چەكلەش قارارىغا قوشۇمچە ھالدا، غەززەگە بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىلانىنىڭمۇ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسلەتتى.

ئۇ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«قارارلىرىمىز قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى نىشان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەگە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بېسىمنىمۇ كۈچەيتىدۇ. بىز پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزمەيمىز. ئۇنداق قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىنى قوللىمايدىغان ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنى جازالاش بولۇپ قالىدۇ.»

ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە كانادا قاتارلىق 12 دۆلەت تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا سېلىنغان ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن بولغان سودىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى