پارىس قولتۇقى رايونىدا ئۆزئارا ھۇجۇملار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا قاراپ يولغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى. تېھران ھاكىمىيىتى بولسا ئامېرىكا بىلەن پىلانلانغان بىر سۆھبەتنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاقساراي دائىرىلىرى، ئامېرىكاغا ۋاكالەتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋە ئالاھىدە ۋەكىل ستېۋ ۋىتكوفنىڭ دوھاغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دونالد ترامپمۇ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىران كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. سۆھبەت ئەتە (بۈگۈن) دوھادا ئۆتكۈزۈلىدۇ» دېگەن ئىدى.
ئەمما ئىران بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھېچقانداق كۆرۈشۈش پىلانلانمىدى» دېدى.
بەقايى، ئىرانلىق تېخنىكىلىق بىر ئۆمەكنىڭ بۇ ھەپتە قاتارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ ئۇ دۆلەتكە قىلىدىغان سەپىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى دۆلەت، تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇدا تۆت ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىمزالانغان ۋاقىتلىق كېلىشىمگە بىر-بىرىنىڭ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېقىنقى كۈنلەردە پارىس قولتۇقىدا ئۆزئارا ھۇجۇملارنىڭ كۆپەيگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئىران يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ كۇۋەيت بىلەن بەھرەيندىكى ئامېرىكا ھەربىي نۇقتىلىرىنى نىشان قىلغان ئورتاق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە يېڭى خىلاپلىق قىلىشلارغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.
ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىراننىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى سۇيۇلدۇرۇشى، ئامېرىكانىڭ بولسا ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىپ تەرەپلەرگە ئاخىرقى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن 60 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىشىنى نىشان قىلاتتى.
رايوندىكى توقۇنۇشلار بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيە كىرىزىسىگە يول ئاچقان ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشىغا ۋە دۇنياۋى نېفىت تەمىناتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.



















