ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئىراندىكى توسمىلارنىڭ ئاستىدا قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى بارلىقى توغرىسىدىكى يەنە بىر دەۋانىمۇ «بىمەنىلىك» دەپ سۈپەتلەپ رەددىيە بەردى.
ئاراقچى X سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئاخىرقى 72 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيە تەرەپدارى تاراتقۇلار، ئىراننىڭ ۋاشىنگتوندا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توسمىلارنىڭ ئاستىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرى قۇرغانلىقىنى ‹خەۋەر قىلدى›» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
تەۋسىيە
ئاراقچى يەنە: «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقاتنى، بولۇپمۇ ئاستىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بارماق ئىزى بار ئىكەن، بىر چەتكە قايرىپ قويۇڭلار. بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ» دېدى.






















