ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە - ئىتالىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھەمكارلىقى تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يېقىنلاشماقتا
بايقار - لېئوناردو شىركەتلىرىنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاپرېل ئېيىغىچە تاماملىنىشى كۈتۈلمەكتە؛ مەسئۇللار تېز سۈرئەتلىك ئىلگىرىلەش ۋە كۈچلۈك بىر گەۋدىلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
تۈركىيە - ئىتالىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھەمكارلىقى تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يېقىنلاشماقتا
تۈركىيە - ئىتالىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھەمكارلىقى تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يېقىنلاشماقتا / AA

 دائىرىلەر چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ بايقار ۋە ئىتالىيەنىڭ لېئوناردو شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەتقىق قىلىنىپ لايىھەلەپ چىقىلغان تۇنجى ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاپرېل ئېيىغىچە تاماملىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لېئوناردو شىركىتىنىڭ 2025-يىللىق مالىيە نەتىجىلىرى ھەققىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا سۆز قىلغان لېئوناردو شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روبېرتو سىنگولانى، شىركەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ساھەسىدە ئادەتتىن تاشقىرى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىسى بايقار شىركىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىچ ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 ئۇ، ئىككى شىركەتنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىشى پىلانلانغان يېڭىلانغان ئىستراتېگىيەلىك پىلاندا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سىنگولانى پەقەت سەككىز ئاي ئىچىدە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىنگولانى لېئوناردو شىركىتىنىڭ ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى رونچى دەي لېگيۆنارى ئەسلىھەلىرىدە تۇنجى ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاپرېل ئېيىغىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سىنگولانى پىروگراممىنىڭ ھەم مۇقىم قاناتلىق، ھەم ئايلانما قاناتلىق سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تۈردىكى قۇرۇلمىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سانى قانچە يۈزگە يېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەخمىنەن بىر يىل سىناق قىلىنىدۇ، كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە سېتىلىدۇ.

سىنگولانى يەنە، كۆپ دۆلەتلىك دۆلەت مۇداپىئە تۈرى بولغان «يەر شارى خاراكتېرلىك جەڭگىۋار ھاۋا مۇداپىئەسى پىروگراممىسى» (GCAP) غا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەشەببۇسىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ لېئوناردو شىركىتىنىڭ ئېلېكترون بۆلۈمىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىنگولانى سېلىنمىلارنىڭ پىلانلانغىنىدەك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پىروگراممىسىنىڭ نۆۋەتتە بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلىدىن بىرئاز ئالدىدا كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ