ئەرمېنىيەنىڭ دۆلەتلىك ئاگېنتلىقى «ئارمېنپرېس» (Armenpress) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئىيۇندىكى سايلامدا پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن پاشىنيان مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئېكسپورت يوللىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاشىنيان بۇ دائىرىدە ئەرمېنىيە-تۈركىيە تۆمۈر يولىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
«ئاخىلكەلەك-قارس تۆمۈر يولىنىڭ ھەر ئىككى لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەسىلىنى گىرۇزىيە باش مىنىستىرى بىلەنمۇ سۆزلەشتىم، ئۇ ھەر ئىككى يۆنىلىشتە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى. بۇ مەسىلىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رئيسى ئەردوغان بىلەنمۇ سۆزلەشتىم، ئۇمۇ بۇ لىنىيەنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەرمېنىيە-تۈركىيە تۆمۈر يولىنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
پاشىنيان ئەزەربەيجاننىڭ ئاساسلىق زېمىنىنى ناخچىۋانغا تۇتاشتۇرىدىغان «خەلقئارا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئۈچۈن ترامپ لىنىيەسى» (TRIPP) لايىھەسى دائىرىسىدە پۇرسەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىزمەتنىڭ نۆۋەتتە مېۋە بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ باسقۇچتىن كېيىن ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان پاشىنيان، ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.




















