بولغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېلىسلاۋا پېتروۋا-چاموۋا بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىسىدىكى سۆھبەتلەر توغرىلىقمۇ توختالدى. مىنىستىر فىدان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھەممەيلەندە ئورتاق بىر قاراش بارلىقىنى يەتكۈزدى.
خاقان فىدان تەرەپلەر بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىككى كۈن ئىلگىرى باشلانغان ئۆزئارا ھۇجۇملارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «يەنى بۇ ھەقىقەتەن بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. تەرەپلەرنىڭ دەرھال ئۆزئارا زەربە بېرىشلىرىنى، ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشىنى ۋە ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان تېكىستنى تاماملىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىز ۋە تىرىشچانلىقلىرىمىزمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە» دېدى.
ئۇرۇشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ، جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ۋە قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش مۇھىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن خاقان فىدان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«نەقەدەر قىيىن بولسا بولسۇن، كىشىنىڭ ئارامىنى تۈگەتسىمۇ، سۆھبەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھەل قىلغۇچ نۇقتىغا يەتكۈزۈش نىشان بولۇشى كېرەك، بۇنى تاماملىشى لازىم. تەۋسىيەمىزمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە.»




















