رۇمىنىيە قارا دېڭىز ئۈستىدە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋەقە، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنىڭ چېگرادىن ھالقىپ كېڭىيىشى دەپ قارىلىۋاتقان بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ قالدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رادۇ مىرۇتا (Radu Miruta)، شەنبە كۈنى فېيىسبۇك ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇمىنىيەگە تەۋە F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سۇلىنانىڭ تەخمىنەن 20 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنى توسۇپ قېلىپ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىرۇتا: «ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، رۇمىنىيەنىڭ ھەربىي ئۇچقۇچىلىرى تەرىپىدىن قارا دېڭىز ئۈستىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېدى.
تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 17:59 دا رۇمىنىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ۋە ئىككى مىنۇت ئىچىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىرۇتا، ئىككىنچى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ بەش مىنۇتتىن كېيىن، سائەت 18:05 تە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلارنى رۇمىنىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرگەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ھەممىسى مۇشۇ يىل ئىچىدە رۇمىنىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە تۆت ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشى
روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنا بىلەن چېگرالىنىدىغان ناتو ئەزاسى رۇمىنىيە، رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كۆپ قېتىم دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانىڭ كۆپ قىسمى، رۇسىيە قىسىملىرى نىشانغا ئېلىۋاتقان ئۇكرائىنا پورتلىرىغا يېقىن بولغان دۇناي دەرياسىنى بويىغا تۇتىشىدۇ.
ئەڭ يېڭى ۋەقە، بۇ ھەپتە رۇمىنىيەنىڭ قارا دېڭىز ساھىللىرىغا يېقىن جايدا ئىككى نېفىت پاراخوتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنىڭ ئارقىدىن يۈز بەردى.
رۇمىنىيە دائىرىلىرى پاراخوتلارنىڭ بىرىدە يوقاپ كەتكەن يەتتە دېڭىزچىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى جۈمە كۈنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ ئەھۋال ئۇرۇشنىڭ سودا دېڭىز قاتنىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە ئائىت ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
قوشنا بۇلغارىيەمۇ قارا دېڭىزدا پاراخوتلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئارقىدىن ناتودىن كۈرەشچى ئايروپىلانلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلارغا قارشى سىستېمىلارنى تەلەپ قىلدى.
بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دىمىتار ستويانوۋ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سوفىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە رەسمىي ھالدا قوشۇمچە ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.




















