پەلەستىن ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەيشەنبە كۈنى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىشلەردە كەم دېگەندە 13 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.
پەلەستىن ئەسىرلەر ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە يەرلىك مەنبەلەر، تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا ئۈچ قېرىنداشنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبەلەر سەھىيە خادىمى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەر نۇقتىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى پائالىيەتچى بەشار ئەلقاريۇتىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەل خەلىلدىكى ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇدا يەتتىنچى كۈنىدىمۇ بېسىپ كىرىش ۋە تاقاپ قويۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كونا شەھەر ئەتراپىدىكى تۆمۈر دەرۋازىلارنى تاقىغان. ئىشغال قىسىملىرى شۇنداقلا جەلدە ۋە ئەين دەير باھا مەھەللىلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ھەربىي گازارما سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن تارتىۋالغان.
ئەل خەلىل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېسىپ كىرىشلەرنىڭ تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىكنى، يەنى 780 ئائىلىنى ماكانىدىن ئايرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەرىكەت، جۈمە كۈنى ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە يەنە بىرىنى يارىدار قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن بىر ھۇجۇمدىن كېيىن باشلانغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېيىنچە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.
پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جۈمە بىلەن چارشەنبە كۈنلىرى ئارىسىدا 110 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى سالفىتتا ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىنى چاققان ۋە دەير باللۇت بازىرىدا بىر جاينى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن تۈزلەپ تاشلىغان.
بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى جىھاد ياسسىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ رۇخسەتسىز قۇرۇلۇش قىلىش باھانىسى بىلەن سۇ تۇرۇبىلىرىنىمۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ۋەيران قىلغانلىقىنى ۋە مۆلچەرىچە بازاردا تەخمىنەن 100 جاينى چېقىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.




















