سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشكە قارشى چىقىشىغا جاۋابى
«ھېچكىم ماڭا كىمگە نېمىنى سېتىپ-ساتماسلىقىم كېرەكلىكىنى ئېيتالمايدۇ. تۈركىيە بىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز»
ترامپنىڭ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشكە قارشى چىقىشىغا جاۋابى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشكە قارشى چىقىشىغا جاۋاب قايتۇردى:

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىشىگە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىتا: «ھېچكىم ماڭا كىمگە نېمىنى سېتىپ-ساتماسلىقىم كېرەكلىكىنى ئېيتالمايدۇ. تۈركىيە بىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز» دەپ بايانات بەردى.

دونالد ترامپ پايتەخت ۋاشىنگتوندىن مىچىگانغا كېتىۋاتقاندا، ئايروپىلاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ترامپ بىر مۇخبىرنىڭ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سېتىلىشىغا قارشى چىققانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش بولۇپ كەلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مېنىڭ دوستۇمدۇر. ھېچكىم ماڭا كىمگە نېمىنى سېتىپ-ساتماسلىقىم كېرەكلىكىنى ئېيتالمايدۇ. تۈركىيە بىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر.»

تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ترامپ، (ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان) ئەنقەرە زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە مۇھىم ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر دۆلەت. ئۇلارنىڭ قالتىس ئارمىيەسى بار، ئىنتايىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر ئارمىيە. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئېسىل قورال-ياراغلارغا ئىگە» دېدى.

ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى