گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن «65 يىللىق ئورتاق تارىخ — گېرمانىيە–تۈركىيە ئەمگەك كۈچى كېلىشىمىنىڭ خاتىرە كۈنى» پائالىيىتىدە سۆز قىلغان مېرز، تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ گېرمانىيەنى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتە بېيىتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ تۇنجى ئەۋلاد ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئاساسەن ئىشلەش ۋە ئۇخلاش بىلەن ئۆتكەنلىكىنى ئەسلەپ: «ئۇلار زاۋۇت ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرىگە يېقىن ئىشچىلار ئولتۇراق رايونلىرىدا، ئايرىم ياتاقخانىلاردا ياشايتتى. بەزى جايلاردا پولاتتىن ياسالغان ئاددىي تۇرالغۇ، كۆپ كىشىلىك ياتاق، ئورتاق ئاشخانا، ھەتتا قىسمەن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسىمۇ بار ئىدى» دېدى.
مېرزنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيەگە كەلگەن ئىشچىلار ئەسلىدە ئىككى يىلدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىشنى ئويلىغان. 1961-يىلدىن 1973-يىلغىچە كەلگەنلەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تۈركىيەگە قايتقان، قالغانلىرى گېرمانىيەدە تۇرۇپ قالغان. ئۇلار كېيىن ئائىلىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر مەركەزلىرىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان.
مېرز تۈركىيەلىك ئىشچىلارنىڭ گېرمانىيە سانائىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىپ: «تۇنجى ئەۋلاد بولمىغان بولسا، رۇر رايونى بۈگۈنكىدەك باي ۋە گۈللەنگەن جايغا ئايلانمايتتى. ئۇلار بۈگۈنكى باياشاتلىقىمىزنىڭ ئاساسىنى سالدى. گېرمانىيەنىڭ مەدەنىيەت قىياپىتىنىمۇ چوڭقۇر شەكىللەندۈردى، ھازىرمۇ شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.
مېرز جەمئىيەتكە سىڭىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ باراۋەر پۇرسەت ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ قاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «دۆلىتىمىزدە ھەر كىشى تېرىسىنىڭ رەڭگى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، قەدىرلىنىشى كېرەك» دېدى. ئۇ شۇنداق بولسىمۇ، تۇنجى ئەۋلاد كۆچمەنلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىقىغا قارىماي يەنىلا يات كىشىدەك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىكنىڭ ئەركىن جەمئىيەتكە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مېرز، 1990-يىللاردىكى مۆلن ۋە زولىنگېن ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرىنى، مىللىي سوتسىيالىست يەر ئاستى تەشكىلاتى (NSU) نىڭ قاتىللىقلىرىنى ۋە خاناۋدىكى ھۇجۇمنى ئەسلەتتى. ئۇ NSU قۇربانلىرىنىڭ سەككىزىنىڭ تېگىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرنى ئاكتىپ قوغدىمىغاندا، ئۇنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.






















