جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى بولغان ناخچىۋان كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 17 - يىللىقى ۋە تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك روھىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
تەۋسىيە
«تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان ناخچىۋان كېلىشىمىنىڭ 17 - يىللىقى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.
<تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك> شۇئارى بىلەن چىققان بۇ قېرىنداشلىق يولىمىزدا بىرلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن.»























