تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان قىرغىزىستان، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەمىنلەش مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرماقتا.
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە

نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان قىرغىزىستان، يىللىق 1 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە تەمىنلەش تورىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.

مىنىستىرلار كابىنېتى ئېلان قىلغان يازما باياناتقا قارىغاندا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ رەئىسى ئادىل‌بەك قاسىمبەلىيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئىچكى بازاردىكى يېقىلغۇ ئەھۋالى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئىچكى بازارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر، ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتى، ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش ھەمدە ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى ساھەسىدىكى شىركەتلەرنى دۆلەت تەرىپىدىن قوللاش مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

قاسىمبەلىيېۋ بازاردىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە ئاقساپ قېلىش كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن جەرياننىڭ زىچ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ دۆلەتنىڭ يىللىق نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 500 مىڭ توننىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاسىمبەلىيېۋ يەنە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان كىرىزىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى ئىمپورت كېلىشىملىرىنى ئىمزالاش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن قىرغىزىستاندا بېنزىن باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن بولۇپ، بەزى يېقىلغۇ پونكىتلىرىدا بىر ئاپتوموبىلغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 لىتىر يېقىلغۇ سېتىش چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ