خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىيوردانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
رايوندا جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، يېقىنقى كۈنلەردە ئىيوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يۈز بەرگەن ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈز بەردى.
ئىيوردانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
ئىيوردانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى / Reuters

ھازىرغىچە ھېچبىر گۇرۇپپا بۇ ۋەقەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى پېترا (Petra) نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىيوردانىيە ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەەپتە دۆلەتنىڭ شەرق قىسمىدىكى چۆللۈكتە پادىشاھلىقن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

ئارمىيە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىيوردانىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈدى ۋە ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ ۋەقە، ئىيوردانىيە ئارمىيەسىنىڭ پادىشاھلىقنى نىشانلىغان ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئىيوردانىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق بۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىراق تەرەپتىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر قانچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغىنىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.

ھېچقايسى تەرەپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

يەكشەنبە كۈنى ئىران ھەربىي باياناتچىسى، ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈن بويىچە ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتقاندىن كېيىن، تېھراننىڭمۇ ھەربىي مەشغۇلاتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

Axios ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئارمىيەگە ئىرانغا قاراتقان تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنى توختىتىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىغان ئىدى.

واشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك يېقىنقى ھەپتىلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئامېرىكا ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىغا ھۇجۇملارنى قىلغان بولسا، ئىرانمۇ ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە جابدۇقلىرى مەۋجۇت دەپ قارايدىغان ئورۇنلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran attacks US military assets in Bahrain, Jordan, Kuwait in retaliation
ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى