سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، شىمالىي كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى؛ بۇ شەھەر قاتنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى / Reuters

شەنبە كۈنى كىيېۋدىكى شىمالىي كۆۋرۈك بومباردىمان قىلىندى. رۇسىيە ئۇكرائىنا پايتەختىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، دەريا ئۆتكەللىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو رۇسىيەنىڭ پايتەختتىكى مۇھىم كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھۇجۇم شەھەر قاتنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شىمالىي كۆۋرۈككە قىلىنغان ھۇجۇم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىگنالىدىن كېيىن يۈز بەردى. ھۇجۇمدىن بىر كۈن ئىلگىرى جەنۇبىي كۆۋرۈكمۇ بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، شەھەر دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇم دولقۇنىنىڭ «كىيېۋنى پارچىلاۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ئىشغالىيەتتىن بۇيان، توقۇنۇشلار كۆپىنچە شەرق تەرەپتىكى قۇرۇقلۇق جەڭلىرىدە ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، كىيېۋ فىرونت لىنىيەسىگە يېقىن رايونلاردىكى ۋەيرانچىلىقتىن خېلىغىچە يىراق قالغان ئىدى.

ۋىتالى كلىچكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «شىمالىي كۆۋرۈك بومباردىمان قىلىندى. ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ باردى» دېدى. ئۇ يەنە ھۇجۇمنىڭ كۆۋرۈكنىڭ يول يۈزىگە ۋە تىروۋلېيبۇس لىنىيەلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، ھازىرچە كۆۋرۈكنىڭ سول قىرغىقىدىن ئوڭ قىرغىقىغا ئۆتۈش يولىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھۇجۇم پايتەختنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان دىنەپىر دەرياسى ئۈستىدىكى ئۆتكەللەرگە قىلىنغان بىر يۈرۈش ھۇجۇملاردىن كېيىن يۈز بەردى. جۈمە كۈنى تېز سۈرئەتلىك موتورلۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، كىيېۋنىڭ ئاساسلىق ئۆتكىلى بولغان جەنۇبىي كۆۋرۈك تاقىلىپ، يەنە بىر كۆۋرۈكتە قاتناش چەكلەنگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال پۈتۈن پايتەختتە ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەيدا قىلدى.

ئىككىنچى يوللارغا يۈزلەنگەن شوپۇرلار سەۋەبىدىن ئاساسلىق يوللاردا ئۇزۇن ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوبۇس ئۆچىرەتلىرى شەكىللەندى، بەزى يولۇچىلار يولىنى پىيادە داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. جەنۇبىي كۆۋرۈك كىيېۋنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان سەككىز ئۆتكەلنىڭ بىرىدۇر. شەھەر دائىرىلىرى بۇ ئاسما كۆۋرۈكنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بىرنەچچە قېتىم بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كلىچكو جۈمە كۈنى پايتەختنىڭ ئەمدى ئۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
بوتسۋانا مۇستەقىللىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدە مىنىبۇسقا قىلىنغان  قوراللىق ھۇجۇمدا 7 كىشى قازا قىلدى
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى