سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ئەلئىخبارىيە»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكلىرىگە قوشنا دەرئا ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى ئابىدىن سۇ ئامبىرىغا يېقىن جايغا باستۇرۇپ كىرگەن. شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رايون ئاسمىنىدا پەس ھالەتتە ئۇچقان.
خەۋەردە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ئەتراپتىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقى ۋە ئابىدىن يېزىسىنىڭ شەرقىي مەھەللىسىدىكى ئۆيلەرنى ئاختۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە 1974-يىلى ئىمزالانغان «كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى»گە قارىماي، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كىرىش ۋە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. دەمەشق ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشىنى ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.




















