ئەنگلىيە مۇساپىرلارنىڭ 10 مىڭ ستېرلىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە مۇساپىرلارنىڭ 10 مىڭ ستېرلىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتتە پاناھلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن تۇرالغۇ ۋە ياردەم خىراجەتلىرى ئۈچۈن تەخمىنەن 10 مىڭ ستېرلىڭ تۆلىشىنى  نىشان قىلغان پىلاننى ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە مۇساپىرلارنىڭ 10 مىڭ ستېرلىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ

سەيشەنبە كۈنى پارلامېنتقا سۇنۇلغان يېڭى «كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق ئىشلىرى قانۇن لايىھەسى» پىلانىدىن ئورۇن ئالغان بۇ بەلگىلىمە، يېتەرلىك كىرىمگە ئېرىشكەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بۇ سوممىنى بۆلۈپ تۆلىشىنى مەجبۇرىي قىلىدۇ.

ئەنگلىيەدە ئىشلەش ھوقۇقى بولغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قەرز، كىشىلەرنىڭ دۆلەتتە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي قايتۇرۇلۇپ بولۇشى كېرەك.

ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى شابانا مەھمۇد پاناھلىق ياردىمىنىڭ بىر ھوقۇق بولۇش بىلەن بىرگە مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەر تۆھپە قوشالايدىغان ئەھۋالغا كەلگەندە ئەنگلىيە خەلقىنىڭ خۇش پېئىللىقىنىڭ بەدىلىنى قايتۇرۇشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پىلانغا ئاساسەن، پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئەمما دۆلەتتە قالغان كىشىلەرنىڭمۇ كىرىمى بېكىتىلگەن چەكتىن ئاشقان تەقدىردە، بۇ خىراجەتلەر ئۇلاردىن يىغىۋېلىنىدۇ.

ئىچكى ئىشلار ۋىزارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتە ئۆتكەن يىلى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوللاش ئۈچۈن تەخمىنەن 4 مىليارد ستېرلىڭ خەجلەنگەن.

مۇساپىرلار كېڭىشىگە ئوخشىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ پىلاننى مۇساپىرلارغا سېلىنغان قوشۇمچە بىر باج دەپ ئاتاپ ئادالەتسىز دەپ قارىسا، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كۆچمەنلەرنى كۆزىتىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا مۇساپىرلار ئارىسىدىكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت نىشان قىلغان مەبلەغنى يىغىشنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆكتىچى مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسى بولسا ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى ئۆزلىرىدىن كۆچۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
تىك-توك ۋە يۇتيۇب ھىندونېزىيەدە بالىلارغا تەۋە 4.7 مىليون ھېساباتنى تاقىدى
تۈركىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 9-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا-ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
كانادادا ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدۇ
قازاقىستان قاراچاگاناك كېنىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتتى
تىنچلىق كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە: جەنۇبتىكى بەزى بىرىگادىلىرىمىزنى چېكىندۈردۇق
جەنۇبىي كورېيە 500 مىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى جەڭچىسى يېتىشتۈرىدۇ
رۇسىيە: بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
تۈركىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى
ترامپ: ناتونىڭ ئىران ئۇرۇشى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى «ئۈمىدسىزلىك» پەيدا قىلدى
قۇرتۇلمۇش باكۇدا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى غافاروۋا بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
دۇنيا بۈگۈننى يەر تەۋرەش خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى