خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋىزا ئىگىلىرىنى ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. / AP Archive

كۆچمەنلىك سىياسىتىنى چىڭىتىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭ 2025-يىلى يانۋاردا باشلانغان ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا بۇ ساننىڭ 175 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

ھۆكۈمەت كۆچمەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش تەدبىرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بولسا، بۇ تەدبىرلەرنىڭ قانۇنىي رەسمىيەت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار ئىرقىي ئاساستا كىشىلەرنى تىزىملاش ئېھتىماللىقىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى توممى پىگوت X سۇپىسىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «تارىختىكى باشقا بارلىق ھۆكۈمەتلەردىن كۆپ ۋىزىنى، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە» ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋىزا بىلەن دۆلەتتە تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئالدامچىلىق قىلغان ياكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە خەۋپ يەتكۈزگەن» چەت ئەللىكلەرگە قارىتا «نۆل كەڭچىلىك» سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ 2024-يىلدىكى سايلام تەشۋىقاتىدا قانۇنسىز كۆچمەنلىكنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەزى خىزمەت ۋىزىلىرىغا يۇقىرى ھەق بەلگىلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قانۇنلۇق كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرىنىمۇ قىيىنلاشتۇردى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى كۆرۈپ چىققان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بەزى ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ 2016-يىلىدىن 2026-يىلغىچە بېرىلگەن B1 ۋە B2 ۋىزىلىرىنى، ئىلگىرى پاناھلىق تىلىگەن ياكى ھازىر پاناھلىق ئىزدەۋاتقان كىشىلەردىن قايتۇرۇۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئىشنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە 183 دۆنۈم پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى
نېتانياھۇ ترامپقا «تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار» دېدى
يەمەن ئارمىيەسى: 1164 ھەرىكەتتە 558 ھۇسىي بىر تەرەپ قىلىندى
مىلان—جىددى ئايروپىلانى بومبا بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىمغا جىددىي قوندى
كولومبىيەدىكى بىر قانۇنسىز ئالتۇن كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەۋەتىشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى