ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئامېرىكا قوشۇنلىرى، ئىراننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تولۇق تەييار ھالەتتىدۇر» دېيىلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ (CENTCOM) رەسمىي X ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈن ئەرتىگەندە يېقىن شەرقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرى، ھورمۇز بوغۇزىدا خەلقئارالىق دېڭىز قاتنىشىغا تەھدىت تۇغدۇرغان ئىرانغا تەۋە ئىككى دانە كامىكادزې (پارتلاتقۇچ يۈكلەنگەن) ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى. ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىراننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تولۇق تەييار ھالەتتىدۇر.»
واشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ھەپتىلەپ داۋاملىشىۋاتقان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرگە قارىماستىن، تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا قايتۇرما زەربە بېرىش ھۇجۇملىرى، ئىراننىڭ شەنبى كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان بەھرەين ۋە كۇۋەيتكە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن بىرلىكتە ئەۋجىگە چىققان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
شەنبى كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ھورمۇز بوغۇزى ۋە پارىش قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانلىغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىراننىڭ سىرىك ۋە كەشم ئارىلىدىكى دېڭىز بويى كۆزىتىش رادار مەيدانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولسا، كېيىنچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇملارغا جاۋابەن رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىغان ئىدى.
















