خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران كۇۋەيتتكى ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ئئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەندەر ئابباس ئايرودرومى يېقىنلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا جاۋابەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران كۇۋەيتتكى ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيتتكى ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى / AP

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەندەر ئابباس ئايرودرومى يېقىنلىرىغا قىلىنغان ئامېرىكانىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋابەن كۇۋەيتتكى بىر ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى نىشانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ يەتكۈزۈشىچە، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنىڭ پەيشەنبە كۈنى سائەت 04:50 دە، ئامېرىكانىڭ ھاۋا پورت شەھىرى ئايرودرومى يېقىنىدىكى بىر نۇقتىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن سائەتلەرچە كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

باياناتتا: «بۇ جاۋاب، دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان جىددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ھۇجۇملار تەكرارلانغان ئەھۋالدا جاۋابىمىز تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ»، دېيىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن مەسىلىگە ئالاقىدار دەرھال بايانات بېرىلمىدى.

ئەتىگەن تەرەپتە بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدار، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزى يېقىنلىرىدا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن تۆت ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە بەشىنچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قويۇپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بەندەر ئابباستىكى ئىرانغا ئائىت يەر يۈزى كونترول ئىستانسىسىنى سوققانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى شەرتى بىلەن سۆز قىلغان ئەمەلدار: «بۇ ھەرىكەتلەر ئۆلچەملىك، تولۇق مۇداپىئە مەقسەتلىك ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداش يۆنىلىشىدە ئىدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US threatens to 'blow up' Oman over Iran Hormuz toll plan

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش

ئاخىرقى ھۇجۇملار، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتە بېشىدا ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش نۇقتىلىرى بىلەن مىنا كۆمۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىران كېمىلىرىنى نىشانلىغان ئىلگىرىكى ھۇجۇم دولقۇنىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن يۈز بەردى. ئىران، بۇ ھۇجۇملارنى «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلىدى.

ئىلگىرى ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇش قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «بۇنىڭدىن مەمنۇن ئەمەسمەن، لېكىن مەمنۇن بولىمىز. يا بۇ ئىش بولىدۇ ياكى ئىشنى تاماملاشقا مەجبۇر بولىمىز» دېگەن ئىدى.

28 - فېۋرالدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇملار قىلىشى بىلەن رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تېھران، ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاش بىلەن بىرگە رايوندىكى نىشانلارغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.

پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا 8-ئاپرېلدا ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئىسلامئابادتىكى سۆھبەتلەر مەڭگۈلۈك بىر كېلىشىم يارىتالمىدى.

ترامپ كېيىنچە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇددەتسىز ئۇزارتقان بولسىمۇ، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدىن ئىران پورتلىرىغا بارىدىغان ياكى بۇ پورتلاردىن چىقىدىغان پاراخوتلارغا قاراتقان دېڭىز قامالىنى داۋاملاشتۇردى ۋە پات پات تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran-Oman cooperation on Hormuz shipping included in draft US-Iran deal: report
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
لىۋان پىرېزىدېنتى: «ئىسرائىلىيەنىڭ تامامەن چېكىنىشى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى مۇھىم ئىشىدۇر» دېدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئىجابىي، ھۇرمۇزدىكى قامال داۋاملىشىدۇ»
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى
پېزەشكىيان: «دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىمىزگە كاپالەت بېرىشكە تەييارمىز»
تۈركىيە ئاخىلكەلەك-قارىس تۆمۈريولىنىڭ ئەرمېنىيەگە ئېچىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: «ھورمۇز بوغۇزىدىن ئاخىرقى 24 سائەتتە 33 پاراخوت ئۆتتى» دېدى
تۈركىيە ئالەم تېخنىكىلىرىدا تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن شېرىكلىك قەدىمى تاشلىماقتا
ئىبراھىم كالىن: دۆلىتىمىز كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان مۇھىم ئۈستەللەردە، سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيور
ئىران دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىگە دائىر كاپالىت بېرىشكە تەييار
ترامپ ئىران تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا جىددىي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى