پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار 6 دىن كۆپ دۆلەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
Dawn گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت ئىسلامئابادتا مۇخبىرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئىسھاق دار، 7-ئاۋغۇست ئىمزالانغان مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، ناتونىڭ 5-ماددىسىنى مىسال قىلىپ، بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىستىر ئىسھاق دار كېلىشىمگە ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاخىرقى ۋەزىيەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە پەۋقۇلئاددە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «سەئۇدى ئەرەبىستاننى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېگەن.
ئۇ، كېلىشىمگە قوشۇلۇشنى خالايدىغان ئالتە دۆلەتنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان. ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، كابۇل ھاكىمىيىتىدىن ئۆز زېمىنىنىڭ پاكىستانغا قارشى ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.
مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف 7-ئاۋغۇست كۈنى مەككىدە «قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە ئىمزا قويغان ئىدى.
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رايوندىكى ۋە خەلقئارادىكى مۇقىمسىزلىقلارغا قارشى ئورتاق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىمزالىغان بۇ كېلىشىم، رايونلۇق ھەم دۇنياۋى كۆلەمدە خەۋپسىزلىك، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. كېلىشىم خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشىغا ئوچۇقتۇر.























