تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) 2013-يىلى رەيھانلىدا 53 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەلىك جاۋابكارلىرىدىن ئۆمەر ئەلخەتىپنى، ياۋروپاغا قېچىش ئالدىدا قولغا چۈشۈردى.
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئارقىلىق 2013-يىلى رەيھانلىدا 53 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەلىك جاۋابكارلىرىدىن ئۆمەر ئەلخەتىپنى، دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا قېچىش ئالدىدا قولغا چۈشۈردى.

قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئىزدىلىۋاتقان ئۆمەر ئەلخەتىپ، رەيھانلى ھۇجۇملىرىنى پىلانلاش ۋە تەشكىللەش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ئىدى.

ئۆمەر ئەلخەتىپ كىم؟

ئۆمەر ئەلخەتىپ، 1976-يىلى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تۇغۇلغان. شامدىكى 14-دىۋىزىيەدە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىدلىبتە قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. سۈرىيەدە ئىچكى مالىمانچىلىق باشلانغان 2011-يىلى لازقىيەگە بارغان. بەششار ئەسەدكە قاراشلىق ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى بولغان «ئەمن ئەل ئەسكەرى» گەۋدىسىدە، ئۆكتىچىلەرگە قارشى قوراللىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەببىھا گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئالغان. بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى «ئەمن ئەل ئەسكەرى» نىڭ لازقىيە شۆبىسى باشلىقى كىفاھ مەلھەم بىلەن تونۇشقان.

ئۆمەر ئەلخەتىپ، 2011-يىلىدىن كېيىن لازقىيەدە ياشىغان مەزگىلىدە، رەيھانلى پارتلاشلىرىنىڭ باشقا جاۋابكارلىرى بىلەن تونۇشقان. لازقىيەدە بىر داچىدا بىللە تۇرغان جەڭگىز سەرەتەل، ئەرجان بايات ۋە يۈسۈف نازىك بىلەن بىرلىكتە لازقىيە ۋە كەسىب رايونلىرىدا ئەتكەسچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

رەيھانلى ھۇجۇمىنى بىرلىكتە پىلانلىغان

ئۆمەر ئەلخەتىپ، تۈركىيەگە قاراتقان ھۇجۇم پىلانلىرىنى تۈزگەن يۈسۈف نازىكنى 2013-يىلى كىفاھ مەلھەم بىلەن ئۇچراشتۇرغان. ھۇجۇم پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرىمۇ بۇ كۆرۈشۈشلەردە بېكىتىلگەن.

ئالدى بىلەن ئۆمەر ئەلخەتىپ بىلەن يۈسۈف نازىك، ھۇجۇمدىن ئىلگىرى 2013-يىلى فېۋرالدا خاتايدىن تۈركىيەگە كىرىپ، ھۇجۇم قىلىنىدىغان نۇقتىلارنى بېكىتكەن. ئۇلار لازقىيەدىكى كىفاھ مەلھەمدىن تەستىق ئالغان.

ئۆمەر ئەلخەتىپ، ھۇجۇم كۈنىدىن ئىلگىرى، 2013-يىلى ماي ئېيىدا تەمىر دۈكانجى بىلەن بىرلىكتە «ئەمن ئەل ئەسكەرى» نىڭ لازقىيە شۆبىسىگە بېرىپ، بومبا قۇرۇلمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل، تەمىر دۈكانجى بىلەن يۈسۈف نازىك تەرىپىدىن رەيھانلىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبا قۇرۇلمىسى ئارقىلىق پارتلىتىلغان.

 ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندۇرۇلغان

ئۆمەر ئەلخەتىپ ھۇجۇمدىن كېيىن دەرھال سۈرىيەگە قېچىپ كەتكەن تەمىر دۈكانجى بىلەن يۈسۈف نازىكنى «ئەمن ئەل ئەسكەرى» نىڭ لازقىيە شۆبىسىگە ئېلىپ بارغان. ئۆمەر ئەلخەتىپ ۋە ھۇجۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغان باشقا شەخسلەر، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كۆپ مىقداردا پۇل بىلەن مۇكاپاتلانغان.

MİT قەدەممۇ قەدەم ئىز قوغلىغان

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىدىن كېيىن جاۋابكارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى باشلىغان. باشقا جاۋابكارلارغا ئوخشاشلا ئۆمەر ئەلخەتىپنىڭمۇ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن.

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) ئۆمەر ئەلخەتىپنىڭ ياۋروپاغا قېچىش پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەلىك جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەر ئەلخەتىپ، دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا قېچىش ئالدىدا تۇرغاندا MİT تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرى ۋە پىلانلىغۇچىلىرىدىن يۈسۈف نازىك 2018-يىلى، جەڭگىز سەرەتەل 2024-يىلى، مۇھەممەد دىب كورالى بىلەن تەمىر دۈكانجى 2025-يىلى قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

 رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ يوليورۇقىنى بەرگەن گېنېرال-مايور كىفاھ مەلھەم بولسا 2024-يىلى فېۋرالدا بەششار ئەسەد تەرىپىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. كىفاھ مەلھەمنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆرۈلگەندىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى ئال نەھيان مىنىستىر خاقان فىداننى قوبۇل قىلدى
رۇبىيو سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدىشى بىن فەرھان بىلەن يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئىككى ئۇچقۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى
سۈرىيەدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى «بۇزغۇنچىلىق» كەلتۈرۈپ چىقارغان
زېلېنىسكىي: رۇسىيەگە 8 مىڭدىن ئارتۇق كورېيە ئەسكىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنە 10 مىڭى ئەۋەتىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى
سومالىدا ئەششەبابنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ: ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئالمىسا، كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناميىشلىرىغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانماقچى