تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان دەمەشىقتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مەدھىيەلەپ: «سۈرىيە سۈرىيەلىكلەرگە تەۋە» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيە ئارمىيەسىنى، تۈرلۈك پىتنە-پاساتلارغا قارىماي، دۆلەتنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ي پ گ تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىنچىكە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تەبرىكلىدى.
ئەردوغان دەمەشىقتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مەدھىيەلەپ: «سۈرىيە سۈرىيەلىكلەرگە تەۋە» دېدى
ئەردوغان دەمەشىقتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مەدھىيەلەپ: «سۈرىيە سۈرىيەلىكلەرگە تەۋە» دېدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىر پۈتۈن ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى قوغدالغان سۈرىيەنى رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان سادىقلىقىنى تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن تېلېۋىزىيەدە ئېلان قىلىنغان نۇتقىدا، ئەردوغان «سۈرىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭدۇر» دېدى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ھەق - ھوقۇقى بىلەن بىرلىكى قوغدىلىشى كېرەك بولغان كۆپ خىل نوپۇسقا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەلىك مەنسەپدېشىغا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا سۈرىيەنىڭ يېنىدا داۋاملىق تسەپ تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سۈرىيە خەلقىنى تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.

ئەردوغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېڭى كېلىشىمنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىچىدە دۆلەت قۇرۇش ئىزدىنىشىگە بولغان بىر تۈركۈم ياللانما گۇرۇپپىلاردىن باشقا، سۈرىيە خەلقىنىڭ تۈنۈگۈنكى كېلىشىمدىن زور خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى چۈشىنىلمەكتە»

«رايوندا تېررورلۇق دەۋرى ئاخىرلاشتى» دېگەن ئەردوغان، «ئۇرۇش توختىتىش نۇقتىسىدا تولۇق بىر گەۋدىلىشىش كېلىشىملىرىگە رىئايە قىلىنىشى ۋە خاتا ھېساباتلاردىن ساقلىنىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

سۈرىيە ئارمىيەسىنى، پىتنە-پاساتلارغا قارىماي دۆلەتنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ي پ گ تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىنچىكە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تەبرىكلىگەن ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ نازۇك ھەرىكەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن باشقۇرۇشى تەبرىكلەشكە سازاۋەردۇر. پىتنە-پاساتلارغا قارىماي، سۈرىيە ئارمىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر سىناقتىن ئۆتتى. ھەقلىق تۇرۇپ ناھەق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلاندى»

سۈرىيەنىڭ پۈتكۈل خەلققە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «سۈرىيە؛ ئەرەبلەر، تۈركمەنلەر، كۇردلار، ئەلەۋىيلەر، سۈننىيلەر ۋە دۈرزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئوخشىمىغان قاتلاملار بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل سۈرىيە خەلقىگە تەۋەدۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ «قېرىندىشى، قوشنىسى ۋە دوستى» سۈپىتىدە كىرىزىس ۋە قىيىنچىلىق دەۋرلىرىدە ئىزچىل ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى تەكرارلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى ياكى زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنى پارچىلىيالايدىغان ياكى رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرالايدىغان ئۇرۇنۇشلارنى توسۇشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ: «بۇنى ۋەيران قىلىشقا قارىتىلغان ھېچقانداق ئۇرۇنۇشقا يول قويمايمىز» دېدى.

ئەردوغان ئىراندىكى قالايمىقانچىلىقنى تېھران ئۈچۈن «يېڭى بىر سىناق» دەپ سۈپەتلىدى ۋە تۈركىيەنىڭ رايوننى قالايمىقانچىلىققا سۆرەيدىغان «ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنىڭ قارشىسىدا تۇرىدىغانلىقى» توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئەردوغان: «سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر سىياسەت بىلەن ئىرانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، تۇزاقلار بىلەن تولغان بۇ دەۋردىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye hails ceasefire, full integration agreement in Syria as milestone for ‘terror-free region’
ئىزدىنىڭ
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
دوكلات: گىرېتسىيەدە 2025-يىلى تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلىدى
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى