سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ نىشان قىلغان خارگ ئارىلى قانداق ئارال؟
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى بېكىنمە ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا تەۋە خارگ ئارىلىنى ۋە باشقا نېفىت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ نىشان قىلغان خارگ ئارىلى قانداق ئارال؟
ترامپ نىشان قىلغان خارگ ئارىلى قانداق ئارال؟

ئىران ساھىللىرىدىكى مارجان تاشلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئارال، دۆلەتنىڭ خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن %90 نى قامدايدىغانلىقى سەۋەبىدىن تېھران ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىقتىسادىي مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «يېقىن كەلگۈسىدە خارگ ئارىلىنى ۋە باشقا نېفىت ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، خۇددى ۋېنېزۇئېلادا قىلغىنىمىزغا ئوخشاش نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازارلىرىنىڭ پۈتكۈل كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرىمىز» دېدى. رايون خاراكتېرلىك مۇرەسسەچىلەر دىيالوگ چاقىرىقى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

خارگ ئارىلى قانداق ئارال ۋە نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

ئىران ساھىللىرىغا جايلاشقان ۋە مانخاتتاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىدەك چوڭلۇقتىكى خارگ ئارىلى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن «ئىراننىڭ پۈتكۈل نېفىت تەمىناتىنىڭ مەركىزى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئارالنىڭ چوڭقۇر سۇلارغا سوزۇلغان ئۇزۇن پىرىستانلىرى غايەت زور نېفىت توشۇش پاراخوتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ  1984-يىلىدىكى مەخپىي دوكلاتلىرىدىمۇ بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئىراننىڭ ئىقتىسادىي پاراۋانلىقى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان باشقا ئېكسپورت يوللىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ۋە كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئارالنىڭ نېفىت ساقلاش سىغىمىنىڭ بولسا تەخمىنەن 30 مىليون ۋارىل ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىران ئامېرىكانىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇمىغا قارىتا تەييارلىق قىلدىمۇ؟

ئامېرىكا ئىستىخبارات مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئارالنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان ئامېرىكانىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرىكىتىگە قارىتا رايونغا قوشۇمچە ھەربىي خادىملارنى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئەۋەتكەن. ئارالدىكى مەۋجۇت مۇداپىئە لىنىيەلىرىگە مۈرىدىن ئوق چىقىرىلىدىغان، يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىمۇ (MANPADS) قوشۇلغان.

ئامېرىكا ئارالغا ئىلگىرى ھۇجۇم قىلغانمۇ؟

ئامېرىكا ئارمىيەسى خارگ ئارىلىغا ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم  ھۇجۇم قىلغان. ترامپ مارت ئېيىدا ئارالدىكى بارلىق ھەربىي نىشانلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئاپرېلنىڭ باشلىرىدىمۇ ھەربىي نۇقتىلارنىڭ قايتىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن ئىدى.

بىراق بۇ بومباردىمانلاردا نېفىت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىۋاسىتە نىشان قىلىنمىغان.

ئاقساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە، خارگ ئارىلىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدىكەن ۋە ئۇرۇشنى تېزلىكتە ئاخىرلاشتۇرالايدىكەن.

بىراق، پېنتاگون ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بۇ ھەرىكەتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى ۋە يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
SpaceX ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچىدىن قانداق ئورۇن ئالدى؟
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا