سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززەدە ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 978 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 مىڭ 97 كىشى يارىلانغان.
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، غەززەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە سەككىز پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 34 كىشى يارىلانغان.
مىنىستىرلىقنىڭ كۈندىلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 72 مىڭ 988 گە يەتكەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى توپقا تۇتۇش ۋە قوراللىق ھۇجۇملار بىلەن 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كەم دېگەندە 978 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 مىڭ 97 كىشى يارىلانغان.
بۇ كېلىشىم، 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە قوزغىغان ۋە ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان ئىدى. ئۆلۈم-يىتىمدىن باشقا يەنە، ئۇرۇش پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ 90% تىدىن كۆپرەكىگە تەسىر كۆرسەتكەن كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەخمىنەن 70 مىليارد دوللار چىقىم كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.



















