پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر-پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە، قاتناش ساقچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
«داۋن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۆلكىگە قاراشلىق تانك رايونىدا، قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ئىچىدە ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەر ھۇجۇمدا ئاپتوموبىلدىكى 3 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇ ئەسنادا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دائىرىلەر، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھېچكىم يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.
خەيبەر-پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە بىر ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا 26-سېنتەبىر پارتلاتقۇچ بېسىلغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان ۋە 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
پاكىستاندىكى تېررور مەسىلىسى
پاكىستاندا قوراللىق ھۇجۇملار، بولۇپمۇ ئافغانىستان بىلەن چېگراداش بولغان خەيبەر-پاختۇنخۋا ۋە بەلۇجىستان ئۆلكىلىرىدە كۆپەيمەكتە.
ھەر ئىككى ئۆلكىدىمۇ پۇشتۇن ۋە بەلۇجى مىللىي توپلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار، پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا ۋە پۇقرالارغا قارشى ھۇجۇملارنى قىلماقتا.
ئىسلامئاباد، <تەھرىكى تالىبان پاكىستان> تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا بازا قۇرغانلىقىنى ۋە ھۇجۇملىرىنى مۇشۇ يەردىن تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
بەلۇجىستاندا بولسا «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ ھۇجۇملىرى گەۋدىلەنمەكتە. «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ بەلۇجىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىشىنى ۋە بەلۇج خەلقىنىڭ بۇ رايوننى مۇستەقىل باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.


















