خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە سۇكوت بايرىمىنى باھانە قىلىپ غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ سۇكوت (كەپە) بايرىمىنى باھانە قىلىپ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى ۋە بارلىق ئۆتكەللەردە قاتناشنى توختاتتى.
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە سۇكوت بايرىمىنى باھانە قىلىپ غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە سۇكوت بايرىمىنى باھانە قىلىپ غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى

پەلەستىن ئورگان خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAFA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن باشلانغان ئومۇميۈزلۈك تاقاش 3-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، غەربىي قىرغاقتىكى قورشاۋنى چىڭىتىش بىلەن بىرگە، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى ھەربىي تەدبىرلەرنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

تاقاش ۋە ھەربىي چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇقەددەس جايلارغا بېرىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا، پەلەستىن زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىسرائىلىيە يەھۇدىي بايراملىرىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمە قويىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. غەربىي قىرغاقتا قورشاۋنى چىڭىتقان، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى ھەربىي چەكلىمىلەرنى ئاشۇرغان ۋە ئۆتكەللەرنى تاقىغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، شەھەر، بازار ۋە يېزىلاردا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سەپەر قىلىشىغا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا قاراتقان تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
تۈركىيە نېتانياھۇنىڭ ب د ت دىكى سۆزلىرىگە ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىدە رەددىيە قايتۇردى
ترامپ: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان
پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن «كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرى»نى بىلدۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» يىغىنىغا قاتناشتى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىدا نىشانلار تولۇق بىتچىت قىلىندى
قازاقىستاندىكى ھەربىي مانېۋىردا 9 ئەسكەر قازا قىلدى، 7 ئەسكەر يوقاپ كەتتى
شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى «مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىدا سەككىز قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى مەلۇم قىلىندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىدا پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك رولىنى ماختىدى
پاكىستان ئافغانىستاندىكى 10 نۇقتىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئاۋىستىرالىيە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس»
ترامپ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى