خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ھورمۇز ئۈچۈن سۇنغان شەرتلىرىمىزگە مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا ئامېرىكاغا يەتكۈزگەن شەرتلەرگە ئالاقىدار تېخى مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق بىر جاۋاب تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران: ھورمۇز ئۈچۈن سۇنغان شەرتلىرىمىزگە مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىدى
ئىران: ھورمۇز ئۈچۈن سۇنغان شەرتلىرىمىزگە مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئاراقچى ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرىغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىش توغرىسىدا سۇنغان شەرتلىرىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنى كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئاراقچى مۇنۇ ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى:

«ئەمما تېخى مۇرەسسەچىلەردىن جاۋاب ئېلىنمىدى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىدىن ھەم ياخشى ھەمدە زىددىيەتلىك سۆزلەر ئاڭلانماقتا. بىز مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ئېنىق جاۋابنى كۈتۈۋاتىمىز، كېلىدىغان جاۋابقا قاراپ قارار ئالىمىز.»

ئاراقچى، ئامېرىكىدا زىچ ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىران دۆلەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىران ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئاراقچى، بۇ مەسىلىدە چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاراقچى ئاخىرىدا، دۆلىتىنى دىپلوماتىيە يولىنى سىناپ باقمىدى دەپ ئەيىبلىيەلەيدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى، دىپلوماتىيە بىلەن مۇزاكىرە يولىنى تاقاپ قويمىغانلىقىنى، ئەمما ئىران خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇناسىۋتى بىلەن بارغان ئامېرىكىدا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشىغا ئالاقىدار قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئامېرىكاغا 7 شەرت سۇنغان ئىدى.

ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، ئىراننىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىن كېيىن ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پىزىشكىيان دۆلىتىگە قايتقاندا، ئاراقچىنىڭ چارشەنبە كۈنىگىچە ئامېرىكىدا قېلىشى قارار قىلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا قاراتقان تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
تۈركىيە نېتانياھۇنىڭ ب د ت دىكى سۆزلىرىگە ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىدە رەددىيە قايتۇردى
ترامپ: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان
پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن «كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرى»نى بىلدۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» يىغىنىغا قاتناشتى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىدا نىشانلار تولۇق بىتچىت قىلىندى
قازاقىستاندىكى ھەربىي مانېۋىردا 9 ئەسكەر قازا قىلدى، 7 ئەسكەر يوقاپ كەتتى
شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى «مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىدا سەككىز قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى مەلۇم قىلىندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىدا پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك رولىنى ماختىدى
پاكىستان ئافغانىستاندىكى 10 نۇقتىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئاۋىستىرالىيە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس»
ترامپ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى