خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا مىقياسىدا 117 مىليون كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارى بارھام سالىھ، نيۇ-يوركتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەردى.
دۇنيا مىقياسىدا 117 مىليون كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى
دۇنيا مىقياسىدا 117 مىليون كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارى بارھام سالىھ توقۇنۇش، زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە خەۋپسىزلىككە قارىتىلغان باشقا تەھدىتلەر سەۋەبىدىن 117 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سالىھ نيۇ-يوركتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەردى.

توقۇنۇش، زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە خەۋپسىزلىككە قارىتىلغان تەھدىتلەر سەۋەبىدىن 117 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان سالىھ، توقۇنۇشلارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

سالىھ توقۇنۇشلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالەتكە كەلگەنلىكىگە ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ۋاقىتلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بىر كىرىزىس سەۋەبىدىن ئۆيلىرىنى تاشلاپ كەتكەن مىليونلىغان ئىنسان، ئۆزلىرىنىڭ يىللارچە، ھەتتا بەزىدە نەسىللەر بويىچە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان ھالەتتە قالغانلىقىنى كۆرۈلمەكتە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بۇنىڭ پەقەتلا بىر ئىنسانىيلىق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن سالىھ: «تۈپ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ خەلقئارانىڭ تىنچلىقىغا ۋە خەۋپسىزلىكىگە بىر خىرىستۇر» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىدا نىشانلار تولۇق بىتچىت قىلىندى
قازاقىستاندىكى ھەربىي مانېۋىردا 9 ئەسكەر قازا قىلدى، 7 ئەسكەر يوقاپ كەتتى
شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى «مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىدا سەككىز قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى مەلۇم قىلىندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىدا پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك رولىنى ماختىدى
پاكىستان ئافغانىستاندىكى 10 نۇقتىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئاۋىستىرالىيە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس»
ترامپ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى
زېلېنسكىي: تۈركىيەنىڭ ئۈچ تەرەپلىك تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنى قوللايمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى