خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن پايتەخت ۋاشىنگتونغا كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى.
ترامپ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى
ترامپ شىنى ئايرودۇرومدا كۈتۈۋالدى

ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئاندرېۋس بىرلەشمە ھەربىي بازىسى ئايرودۇرۇمىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 30 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل گىلەم سېلىندى. ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى ناھايىتى ئاز قىلىدىغان شەكىلدە، چەت ئەل دۆلەت رەئىسىنى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ بىۋاسىتە كۈتۈۋالدى.

ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن نۇرغۇن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇراسىمدىن كېيىن ئاقسارايغا قايتقان ترامپ، مۇخبىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا: «بۇ مەسىلە ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىمەن. ئەمما ئىران كىرىزىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىشلار ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ 24-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى ئاقسارايدا ھەربىي پارات بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.

ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن، ترامپ كەچتە شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بېرىدۇ.

ئىككى رەھبەرنىڭ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا قايتا كۆرۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيان ۋاشىنگتونغا قىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ: «ۋېتو ئىمتىيازى بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن نىيۇيوركتا كۆرۈشتى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىبرىس ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا مەشىق ئۇچۇشى ئېلىپ باردى
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كۇۋەيتلىك ۋە مىسىرلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
ترامپ ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى