ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ستېۋ ۋىتكوف ۋە جارېد كۇشنېرنىڭ، «ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ جىددىي تەلىپىگە بىنائەن» نىيۇ يوركتا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان نىيۇ يوركتا، ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.
مەزكۇر سۆھبەتتە، ئاراقچى ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن قويغان شەرتلىرىنى ئامېرىكاغا يەتكۈزدى. ئىران تەرەپ سۇنغان شەرتلەر ئارىسىدا ئامېرىكا يولغا قويغان دېڭىز ئېمبارگوسىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشى، ئىرانغا تەۋە توڭلىتىپ قويۇلغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە «قارشىلىق كۆرسىتىش سېپى» جايلاشقان بارلىق رايونلاردا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تەلەپلەر بار.
نىيۇ يوركتىكى بۇ كۆرۈشۈش، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا ئىيۇن ئېيىدا پاكىستاندا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن كېيىن قايتا ئەۋج ئالغان توقۇنۇشلاردىن بۇيانقى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ نىيۇ يوركتا ئىران ھەيئىتى ۋەكىللىرى بىلەن تەخمىنەن ئۈچ سائەت داۋاملاشقان بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە سۆھبەتنىڭ «ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.




















