ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ئەزەربەيجان ھەربىي خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «بىرلىكنىڭ كۈچى-2026» (Birliğin Gücü-2026) ناملىق بىرلەشمە مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا.
تەۋسىيە
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، مانېۋىرغا قاتناشقان ھەربىي خادىملار ئوخشاش بولمىغان تەلىم-تەربىيە ۋە جەڭ سېنارىيەلىرى بويىچە ئەمەلىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. بۇ جەرياندا زەمبىرەكچى قىسىملار ئېلىپ بارغان ئوق چىقىرىش مەشىقىدە تېررورچىلارنىڭ سىمۋوللۇق نىشانلىرى دەل نىشانغا ئېلىنىپ، تولۇق ۋەيران قىلىنغان.





















