خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىدا پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك رولىنى ماختىدى
ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ۋە ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى، ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدە شاھباز شەرىف بىلەن مۇزاكىرىلەشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىدا پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك رولىنى ماختىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىدا پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك رولىنى ماختىدى

ياۋروپا كېڭىشى  رەئىسى ۋە ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى، ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفكە تەشەككۈر ئېيتتى.

نيۇ-يوركتا داۋاملىشىۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە سۆھبەتلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى قويۇقلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولىنى ماختىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىئو كوستا ۋە ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە نيۇ-يوركتا پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

ئىككى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ۋە بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولغان ئايرىم باياناتلىرىدا: «مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپتا مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەشەببۇسى ئۈچۈن باش مىنىستىرغا تەشەككۈر ئېيتتۇق» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، شەرىف، كوستا ۋە ۋون دېر لېيېننىڭ رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، شۇنداقلا «سۆھبەت، دىپلوماتىيە، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتىدىن تەكىتلىگەنلىكى» بىلدۈرۈلدى.   

ئىككى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى باياناتىدا: «پاكىستان، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، سۆھبەت ۋە ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللاش جەھەتتە مۇھىم بىر رول ئوينىماقتا» دېدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان ئىسلامئاباد، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بىر مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

شەرىفنىڭ ئىشخانىسى، تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ «بارلىق تەرەپلىرىنى» كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە شەرىفنىڭ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە پاكىستان-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق پىلانىنى تولۇق ئىجرا قىلىش» توغرىسىدىكى ئىسلامئابادنىڭ ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

كوستا ۋە ۋون دېر لېيېن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى، پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق پىلانىمىز، ھەم بۇ ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى، ھەم دېموكراتىيە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى بوشلۇقى مەسىلىلىرىدىكى ئورتاق ئىرادىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran, Pakistan discuss regional developments amid US tensions, Hormuz passage deadlock
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە خۇسىي ھۇجۇملىرىغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستانغا  ھەربىي ياردەم قىلىدىغان بولدى
ئىرېلاندىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 160 تەنھەرىكەتچىسى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 6 دۆلەت كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر تەشەببۇس قوزغىدى
ئاقساراي «ترامپ تېلېۋىزىيەسى» قانىلىنى قۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نىيۇيوركتىكى «تۈرك ئۆيى»دە مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى
فىدان تۈركىيە—مىسىر—پاكىستان—سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى
ئەردوغان ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ: «ۋېتو ئىمتىيازى بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن نىيۇيوركتا كۆرۈشتى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىبرىس ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا مەشىق ئۇچۇشى ئېلىپ باردى
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كۇۋەيتلىك ۋە مىسىرلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن