تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى ئومۇمىي كېڭىشى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەدەن قولتۇقى، سومالى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئەرەب دېڭىزىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە 2 يىل ئۇزارتىشقا ئائىت قارارنامە لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارنامەسىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى («ب د ت») ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ش ئا ئە ئى / ناتو») رامكىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
خۇسۇسەن سومالىنىڭ دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان مەزكۇر قارارنامەدە، رايوندىكى تۈركىيە بىلەن ئالاقىدار پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا قوراللىق دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە دېڭىز تېررورلۇقىغا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشتا تۈركىيە ئۈستىگە ئالغان مۇھىم رول ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.
ئومۇمىي كېڭەشتە سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ قارارنامەسى رەسمىي تەستىقلاندى.





















